رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يەكشەنبە كۈنى تاجىكىستاندىكى تۇنجى رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 5000 كىشىلىك رۇسىيە قوشۇنى تۇرغۇزىلىدىغان تاجىكىستاندىكى مەزكۇر بازا، رۇسىيەنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ ۋە شۇنداقلا 2 - ھەربىي بازىسى بولۇپ قالىدۇ. رۇسىيە بۇنىڭ ئالدىدا قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان. رۇسيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوف : “ ھەربىي بازا موسكۋانىڭ رايوندىكى مۇقىملىق ئەندىشىسىنى نامايان قىلىدۇ” دەپ تەكىتلىگەن. تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوفنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دۈشەنبىدىكى مۇراسىمدا رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن : “ مەزكۇر بازا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ” دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ ھەربىي بازا ئېچىش پىلانى تېررورچىلار، دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىنى توسايدىغانلىقى، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى ۋە تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەربىي بازا رۇسىيىگە 49 يىللىق مۇددەت بىلەن ئىجارىگە بېرىلىشى، چېگرا بويىدىكى نۇرەك قاراۋۇلخانىسىنى رۇسىيە قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بەدىلىگە رۇسىيە تاجىكىستاندىن ئالىدىغان 300 مىليون دوللار قەرزىنىڭ 240 مىليونىنى كەچۈرىۋېتىدۇ. رۇسىيە پرېزىدېنتى خىتايدا ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن تاجىكىستانغا كەلگەن. (ئەركىن)