خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاجىكىستان بىلەن تۈزگەن تېررورچىلىققا قارشى كېلىشىمنى ماقۇللىدى


2004.10.28

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇۋ ۋىنجۇڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىغا "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپە "دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە " ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تەھدىد " دەپ كۆرسەتكەن.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ساقچى دائىرىلىرى مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى بىرلىكتە رازۋېتكا قىلىدىكەن، قەرەرلىك ئۇچرۇشىدىكەن، شۇنداقلا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن. بۇ كېلىشىم يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىشىغا يول ئېچىپ بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەت بىلەن بۇ خىل كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاجىكىستاندىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرنى ئاللىبۇرۇن ماقۇللىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچىلىققا چېتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشكە ۋە ئۆز سىياسىي- ئىقتىسادىي ھوقوقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.