بىر تاجىك پۇقراسى ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىكى مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلدى

تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تاجىكىستان چېگرىسىدا ئوتۇن تېرىۋاتقان بىر تاجىك پۇقراسى، ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىكى مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلگەن. تاجىكىستان دائىرىلىرى، تاجىك پۇقراسىنىڭ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا بەلگىلىسى قويۇلمىغان رايونلارغا كۆمۈلگەن مىنادا پارتلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋەقە تاجىكىستاننىڭ ئىسفارا رايونىدا يۈز بەرگەن. 40 ياشلاردىكى تاجىك پۇقراسى ھاتەمجان يۈسۈپوف، ئوتۇن تېرىشقا بارغاندا ئۆزبېكىستان چېگرا قىسىملىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىناغا دەسسىۋېلىپ يارىلانغاندىن كېيىن ئۆلگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان دائىرىلىرى ھازىرغىچە 63 نەپەر تاجىك پۇقراسىنىڭ ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىكى مىناغا دەسسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكىنى، 66 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2000 - يىلدىكى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ باتىكەنت رايونىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىغا مىنا كۆمۈشكە باشلىغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، كېرىموف ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كېلىشىملەر شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا چېگرىدىكى مىنالارنى تازلايدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭغا بىر قانچە يىل كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)