تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلامى مۇناسىۋىتى بىلەن پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوف ۋە ئۇنىڭ مىللىي دېموكراتلار پارتىيىسنى تەنقىد قىلىشنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى 1990 - يىللاردا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يەنە پارتلاش قايغۇسى كۈچەيمەكتە. بىراق ئۆكتىچىلەر تاجىكىستاندىكى تىنچلىقنى بۇغۇزغۇچى تەرەپ بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. ئامما ئۇلار پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوف ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقنى مونوپول قىلىش تىرىشچانلىقىنى، تاجىكىستاندىكى مۇقىملىقنى بۇزۇدىغان ھەقىقى تەھدىد، دەپ ئەيىبلىگەن.
پرېزىدېنت راخمانوف، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تاجىكىستاندىكى سايلىمنى كۆزىتىشىگە يول قويۇدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. تاجىكىستان، ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى رۇخسەت قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن - بىر دۆلەت.
تاجىكىستاندا 1990 - يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 100 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇرۇش 1997 - يىلى ب د ت نىڭ سالاچىلىقى ئاستىدا ئاخىرلاشقان ئىدى. كېلىشىم بويىچە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى 63 ۋەكىلنىڭ 41 نى بىۋاستە سايلىنىدىغان، قالغان 22 ۋەكىلنىڭ ئورنى سايلامدا 5 ٪ دىن يۇقىرى بىلەت ئالغان پارتىيىلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدىغان بولغان. ئۆكتىچىلەر، راخمانوفنىڭ ئالدىنقى يىلى تاجىكىستان ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لاھىيىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ، پرېزىدېنتنىڭ 2020 - يىلغىچە ھوقۇق تۇتۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاجىكىستاندىكى سايلامنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىدىكەن. سايلامنىڭ نەتىجىسى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۈمكىن. (ئەركىن)