تاجىكىستان مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىشنى چەكلىدى

رۇسىيىنىڭ ئىتارتاسس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن 500 كىلومېتىر چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇيرۇق چىقىرىپ، مەكتەپلەردىكى بارلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىقلار بىلەن يۈزىنى ئازراق ئوچۇق قويغان ئاساستا ئوراپ يۈرۈشىنى چەكلىدى.

بۇ ھەقتە تاجىكىستان مائارىپ مىنىستىرى ئابدۇجاپپار راخمانوپ بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ياغلىق ۋە پەرەنجە قاتارلىقلار بىلەن ئورۇنۇشتەك دىنى بەلگىلەر بىلەن يۈرۈشنىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەمما، ئۇ ھۆكۈمەت ئاچقان ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەدرىسلەردە مەيلى ياغلىق ئارتسۇن ۋە ياكى پەرەنجە بىلەن يۈرسۇن ھەممىسىگە رۇخسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە ھازىر كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت ناماز ئوقۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ دەرس قالدۇرۇش ۋە مەكتەپكە كەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن.

يېڭى تەھلىللەرگە قارىغاندا، بۇ قارار بەلكى جەمئىيەتنىڭ قارشى ئىنكاسلىرىنىمۇ قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)