خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاجىكىستان بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەمكارلىق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسى بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولدى.

خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ھەر ئىككى تەرەپ، تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي كۈچلەر، تەشكىللىك جىنائىي گۇرۇپپىلار، قانۇنسىز كۈچمەنلەر، قورال-ياراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۆرەشتە ھەمكارلىشىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېلىشىمگە ئاساسەن تاجىكىستان تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىمى 2007‏ - يىلى 15‏- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمانوف تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئىمزالانغان كېلىشىملەر ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەمكارلىق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ. (ئۆمەر قانات)