
يېقىندا تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمانوف تاجىكلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدە ئىسلاھات خاراكتېرلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تەخمىنەن بىر ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تاجىك كىشى ئىسىملىرىغا سىڭىپ كەتكەن فامىلىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلىدىغان "ئوۋ"، " ئېۋ" دىن ئىبارەت رۇسچە قوشۇمچىنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، پرېزىدېنت ئېمام ئەلى راخمانوۋ ئۆزىنىڭ فامىلىسى راخمانوۋتىكى " ئوۋ " قوشۇمچىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، "بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىسمىم ئەما مەلى راخمان" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنى تاجىكىستاننىڭ بارا-بارا رۇسىيىدىن جۈملىدىن رۇس مەدەنىيەت تەسىرىدىن يىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشتى.
ھەقىقەتەن، تاجىكىستان مۇستەقىل بولۇپ، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 15 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مۇرەككەپ مۇساپىلارنى باشتىن كەچۈردى، بۇنىڭ گەۋدىلىكلىرىدىن بىرى كۆپلىگەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتۇر. رۇسىيىنىڭ تەسىرىدىن ئۈزۈل –كېسىل قۇتۇلۇپ، ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىكرىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى قوراللىق سىياسىي كۈرەش ئاقىۋەتتە، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىپ، تىنچلىق ۋەزىيىتى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر تاغلىق دۆلەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ كەمبەغەل جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى ھەمدە رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى داۋاملىق بۇ يەردە تۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.
كۆزەتكۈچىلەر 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە، غەرب ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىش بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
رۇسىيە تاجىكىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇستەقىللىقىغا كۆڭۈل بۆلدى
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا دۈشەنبە شەھىرىدە رۇسىيە-تاجىكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن " جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئالاقىلەر باسقۇچىدىكى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا. تاشقى سىياسىي كۆزىتىشلەر" دېگەن ماۋزۇدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىن ئاساسلىقى رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يىغىننى رۇسىيە باش ئەلچىسى رامىزان ئابدۇلەتىپوف ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا دۈشەنبىدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى، موسكۋا خەلقئارا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورلىرى ھەم ئاسپىرانتلىرى جۈملىدىن خىتاي، رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، ئامېرىكا، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان.
رۇسىيە باش ئەلچىسى رامىزان ئابدۇلەتىپوف سۆزىدە تاجىكىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن 15 يىلدىن بۇيان رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا 200 دىن ئارتۇق رۇسىيە ھەربىي خادىمىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەت جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھېچ كىم بىلەنمۇ رىقابەتلەشمەيدىغانلىقى، شېرىكلىق، ئۆزارا ھەمكارلىقنىڭ رۇسىيىنىڭ رايوندىكى ئاساسلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان. بۇ 15 يىل جەرياندا رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدا 180 كېلىشىم تۈزۈلگەن ئىكەن.
كۆچمەنلەر تاجىكىستاننى رۇسىيە بىلەن باغلىماقتا
يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاجىكىستانلىقلارنىڭ رۇسىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئائىلىدىن بىر قانچە ئادەم رۇسىيىگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. تاجىكىستاندىن ئەڭ ئىشقا يارايدىغان، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر كېتىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 61%نى ئىگىلەيدۇ. كۆچمەنلەر ئاساسلىقى ياشلار بولۇپ، 90% تاجىك كۆچمەنلىرى ئۆز كەسپىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ياش ئەرلەرنىڭ تاجىكىستاندىن كۆپلەپ كېتىشى بىلەن تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتراپىدا يېشى 30 دىن تۆۋەن تاجىكىستانلىق ئايال توي قىلالماي قېلىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن. ئەگەر مۇشۇنداق كۆچۈش دولقۇنى داۋاملىشىۋەرسە، تاجىكىستان ئەمگەك كۈچى، بولۇپمۇ، يۇقىرى سەۋىيىلىك خادىملارغا تېخىمۇ مۇھتاج بولىدىكەن. يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار تاجىكلارنىڭ رۇسىيىگە خۇددى ئۆز ئۆيىگە ماڭغاندەك توختاۋسىز ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەتتا سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاجىكىستاندىكى رۇسلارنىڭ كېتىشنىمۇ ئېغىر بولۇپ، ھازىر 90 مىڭ ئەتراپىدىكى ئادەم رۇس تىلىنى ئانا تىل قىلغان. تاجىكلارنىڭ رۇس تىلىنى بىلىش ئەھۋالىمۇ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئادەم رۇسچىنى بىلمەيدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم تاجىكىستان ئاھالىلىرى رۇسىيىگە كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تاپقان پۇلى بىلەن جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، بۇ خىل كۆچمەنلىك تاجىكىستاننى رۇسىيە بىلەن تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم باشقا تەرەپلەردىن باغلىغان.
ھەربىي جەھەتتىكى باغلىنىشلار
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ھەربىي تېخنىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا، مۇنداق ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، تاجىكىستان بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي، رۇسىيە ۋە سابىق قوراللىرىغا تايىنىپ قالغان، تاجىكىستان ھازىرغىچە رۇسىيە قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ كەلمەكتە. رۇسىيىمۇ تاجىكىستانغا ھەربىي قوراللار ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، 2006-يىلى ئاينى ئايرودرومىغا 50 مىليون دوللار قىممىتىدە رېمونت ۋە ياساش ياردەم پۇلى بېرىلگەن. ھەمدە تۆت دانە "مى-4 " تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان تاجىكىستان ھاۋا قىسىملىرىغا تەقدىم قىلىنغان. 15 يىل ئىچىدە 500 نەپەر تاجىكىستانلىق ئوفىتسېر رۇسىيە ھەربىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ لېيتىنانتلىق ئۇنۋانلىرى بىلەن پۈتتۈرگەن. يەنە 50 نەپەر تاجىك ھەربىي قوماندانى رۇسىيە ھەربىي ئاكادېمىيىسىنى تۈگەتكەن.
رۇسىيە تاجىكىستاننى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق ئورگانلار بىلەنمۇ ئۆزىگە باغلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
رۇسىيىدىن باشقا خىتاي، ھىندىستان، ئىران ۋە ئامېرىكىمۇ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، خىتاي بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرىدۇر، خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەر ئۆتكۈزگەندىن سىرت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدا چېگرا سودىسى يولغا قويۇلغان. خىتاي تاجىكىستانغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، پائالىيەتلىرىنى شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم يوسۇندا ئېلىپ بارماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى چېگرىلىنىدىغان پامىر رايونىدا ئارقا سەپ بازىسىنى پەيدا قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)