تاجىكىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا راخمانوۋنىڭ غەلىبە قىلىش مۈمكىنچىلىكى زور


2006-11-06
Share

تاجىكىستاندا پۇقرالار دۈشەنبە كۈنى كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى. كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوۋنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا يەنە غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا.

سايلام كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى سايلام يېشىدىكى 4.3 مىليون پۇقرانىڭ 88 % ئى بىلەت تاشلاپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى 7 - نويابىردىن بۇرۇن ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.

سايلامنى تەنقىد قىلغۇچىلار، راخمانوۋنى دۆلەتنىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت -ژورنالىرىنى ئۆزىنىڭ سايلام ھەرىكىتى ئۈچۈن قوللىنىپ، ئۆكتىچى نامزاتلارغا پۇرسەت بەرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. تاجىكىستان دېموكراتىك پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، ئىسلامى يېڭىدىن تۇغۇش پارتىيىسى قاتارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلار سايلامغا نامزات كۆرسەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تاجىكىستان سايلام قانۇنى ۋە 2003 - يىلدىكى رىفېراندۇم راخمانوۋنىڭ بۇ قېتىم يەنە سايلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرغان.

راخمانوۋ بىلەن سايلام رىقابىتىگە چۈشكەن نامزاتلار ئىسمايىل تالباقوۋ، ئابدۇخالىم گاففاروۋ، ئامىر قاراقۇلوۋ، ئالىمجان بابايېۋلار دوستانە ئۆكتىچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. راخمانوۋ، سايلامنى ئادالەتسىز بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ،" تاجىكىستان نۇپۇسىنىڭ 99 % مۇسۇلمان ۋە مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك،" دەيدۇ. لېكىن تاجىكىستان سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى راخمىتۇللا زائىروۋ، " ئەگەر سايلامدا ھازىرقى پرېزىدېنت غەلىبە قىلسا، دېموكراتىك ئىلگىرلەشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، دىگەنلىكتۇر،" دەپ كۆرسەتتى. راخمانوۋ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلسا، ئۇ يەنە 7 يىل ھاكىمىيەت سورايدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت