ئامېرىكىنىڭ تاجىستاندا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى ترىسېي ياكۇبسېن، تاجىكىستان پرېزىدېنت سايلىمىنى دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
ترىسېي ياكۇبسېن دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، بۇ يىل 6 - نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ "دۇنيا ئۆلچەملىرىگە يېقىن" ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋە پۈتۈن نامزاتلارغا مەتبۇئاتتىن تەڭ پايدىلىنىش پۇرسىتى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
راخمانوۋ، 1994 - يىلى تاجىكىستان ئىچكى ئۇرۇشى جەريانىدا ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە ھوقۇق تۇتۇپ كەلمەكتە. ئۇ، 2003 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفىراندۇمدا 2020 - يىلغىچە ھوقۇق تۇتۇش يولىنى ھازىرلىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى سايلامدا راخمانوپنىڭ قايتا سايلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
ئامېرىكا باش ئەلچىسى ترىسېي ياكۇبسېن، ئامېرىكىنىڭ ھازىرغىچە تاجىكىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى تەرەققىيات پىلانىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)