ئافغانىستاندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تالىبان گۇماندارلىرىدىن 85 ئى قويۇپ بېرىلدى


2005.01.17

ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى، يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تالىبان گۇماندارلىرىدىن 85 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ يېتىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى دىنىي بايرىمىنىڭ بىرى ھېسابلانغان، قۇربان بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن تالىبان گۇماندارلىرىنىڭ ھېچبىرى بىخەتەرلىك ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىد ھېساپلانمايدىكەن.

بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپتىن چوڭ بىر جىنايەت سادىر قىلمىغان ۋە تالىبان گۇماندارى دەپ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

لېكىن، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى مۆتىدىل تالىبانلارنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەچۈرۈم تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن مەزكۇر تالىبان گۇماندارلىرىنى قويۇپ بەرگەن.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىسى زەلمەي خەلىلزاد يېقىندا ئەل-قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن تالىبانلارنىڭ ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاينىڭ باياناتچىسى ھامىت ئىلمىي، يەكشەنبە كۈنى 85 تالىبان گۇماندارىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كەچۈرۈم تەكلىپى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.