ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە 40 تالىبان جەڭچىسى ئۆلدى

ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە تالىبان قالدۇقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىدە ئازدىگەندە 40 تالىبان جەڭچىسى ئۆلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قەندەھار شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى بىلەن تالىبان جەڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى موللا ئابدۇللەتىپ ھاكىمى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ تالىبانلار ئۈچۈن ئېغىر بىر زەربە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە تالىبانلارنىڭ ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق بازىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىسىتاندا 18 - سېنتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا، تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى ھۇجۇملىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. بۇ يىل ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 800 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيى ئىچىدە ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 38 گە يىتىدۇ. (قانات)