قازاقىستان ئۇچۇر مىنىستىرلىقى قازاقىستاندا ئۆكتىچىلىكى بىلەن نام چىقارغان بىر گېزىتنى تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇچۇر مىنىستىرلىقى، "رېسپوبلىكا" گېزىتىنى رۇسىيىلىك بىر سىياسەتچىنىڭ قازاقلارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆزلىرىنى گېزىتكە باسقان، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گالىنا دىردىنا، ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ گېزىتنى پىچەتلەش بۇيرۇقى سىياسى مەقسەتكە ئىگە، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
"رېسپوبلىكا" گېزىتى ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شۇنداقلا دائىرىلەر تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوتقا تارتىلغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى قارارىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ نازابايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
نازاربايېۋ، 1991 - يىلى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بېرى مەزكۇر دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ كەلتمەكتە. ئۇ، بۇ يىل 12 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزدېنت سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەگەر ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسا يەنە 7 يىل ھوقۇق تۇتىدۇ. نازاربايېۋ، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردە ئاقايېۋنى ئۆكتىچىلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستانلاردىكى ئىنقىلاب قازاقىستاندا يۈز بەرمەيدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا، يەكشەنبە كۈنى ساقچىلار سېرىق رەڭ شارپا ئارتقان، سېرىق رەڭ بايراق كۆتەرگەن ياشلارنى ئۇرغان. سېرىق رەڭ ئۇكرائىنىيە ئىنقىلابىنىڭ سىمۋولى ئىدى.(ئەركىن)