تۈركىستانلىق بۇيۇك بىلىم ئادىمى، تۈركولوگ، دوكتور بايمىرزا ھايىت 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەندە گېرمانىيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. دوكتور بايمىرزا ھايىت 1917-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ نامانگان ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1937-يىلى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بايمىرزا ھايتىنىڭ بۈگۈنگىچە تۈركىستان ھەققىدە يازغان يۈزلەرچە ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ نېمىس تىلىدا يېزىلغان "تۈرك دۇنياسىدا رۇس ئىمپېرىئالىزمىنىڭ ئاياق ئىزلىر"، "سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ بەزى مەسىلىلىرى"، "باسمىچىلار يەنى 1917-يىلىدىن 1934-يىللىرىدا تۈركىستان مىللى ئىنقىلابى"، "رۇس ئىشغالى ئاستىدىكى تۈركىستان ۋە ئىسلام"، "رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈركىستان" قاتارلىق كىتابلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
تارىخچى، تۈركولوگ، دوكتور بايمىرزا ھايتى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇزۇن يىل ئۆزبېكىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1939-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۇنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەجبۇرى ھالدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلىنىپ پولشاغا كەلگەن. 1941-يىلى بىلوروسىيىنىڭ سلۇتسك شەھىرىدە نېمىس ئارمىيىسىگە ئەسىر چۈشكەن. بۇ مەزگىلدە پارىستا ياشاۋاتقان مۇستافا چوقاينىڭ ياردىمى بىلەن ئەسىر كامپىدىن قۇتۇلۇپ گېرمانىيىگە يەرلەشكەن. 1947-يىلى مۇنستەر ۋەستفالن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن مىرزا ھايىت پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ ئاخىرقى نەپىسىگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە بېرىپ تۈركىستان تارىخى ۋە داۋاسىنى ئاڭلاتقان. بىز بايمىرزا ھايتىنىڭ كىشىلىكى ۋە تەتقىقاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۆزبېك ئالىملار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.