قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتنى 2007-يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى قىلىپ بېكىتكەن.
بۇ ھەقتە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەكمەلىددىن ئىخسانوغلۇ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپقا خەت يېزىپ ئۇقتۇرغان. مەزكۇر خەتتە تاشكەنتنىڭ ئىسلام مىراسلىرىنى ساقلاشقا زور تۆھپەقوشقانلىقى بىلەن مەزكۇر شەرەپلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلىقى شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل تاشكەنتتە " ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام مىراسلىرى" ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن چاقىرىلىش قارار قىلىنغان.
ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى 1969-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 57 دۆلەت قاتناشقان. مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.
بىراق، ئۆزبېكىستان ئوكتىچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال ئىسلامغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى، دىنىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشىشى ۋە ئەركىن دىنىي تەبلىقە قىلىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئەمەلىيەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى بۇخارا، سەمەرقەند، خىۋە قاتارلىق شەھەرلەردە ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش، نەققاشلىق ھەم يازما نامايەندىلىرى ئەڭ ياخشى ساقلانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىسلام دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن. (ئۈمىدۋار)