قىرغىزىستاندىكى يالقۇن خىتايغا تۇتىشامدۇ؟
2005.04.08
گېرمانىيىدە چىقىدىغان "يېڭى داچلاند" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى يېقىندا يۈز بەرگەن خەلق ئىنقىلابى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان.
"يېڭى داچلاند گېزىتى" نىڭ " قىرغىزىستاندىكى يالقۇن خىتايغا تۇتىشامدۇ؟" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: " گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېزرەك مۇقىملىشىپ، خىتاي - قىرغىز دوستلىقىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئامما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي باش كاتىپى، 'ۋەزىيەت بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالماقتا' دەپ تەكىتلىگەنلىكى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەكس - ئەتتۈرىدۇ."
قىرغىزىستان ئاقايېۋ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكى بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى مۇھىم دۆلەت ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن "يېڭى داچلاند" گېزىتى، " خىتايلار بېشكەكتىكى يېڭى رەھبەرلەرنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا پائالىيەت بوشلۇقى يارىتىپ بېرىشىدىن شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قېرىنداشلىرىنى بېيجىڭگە قارشى تىركىشىشكە جاسارەتلەندۈرۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
"يېڭى داچلاند" نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۆزگىرىش خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك بەزى پىلانلارنىڭ كېچىكىشىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. كېچىكىش ئىھتىمالى بار بۇ پىلانلار، ئىراندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە سوزۇلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن بېشكەك ۋە تاشكەندكىچە بارىدىغان 600 ك م ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. "يېڭى داچلاند" گېزىتى، " بېشكەكتىكى يېڭى رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرىقى پىلانلارغا داۋاملىق قىزىقىش ياكى قىزىقماسلىقى بىر مەسىلە،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)