پاكىستان –ئافغانىستان چېگرا رايونىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ پاكىستان مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ ئۇچۇر بېرىشىچە، شەنبە كۈنى پارتلىغان پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدىكى شىمالىي ۋەزىرىسىتان رايونىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ 46 ئادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ئۈچ نەپەر پاكىستان ھۆكۈمەت ئەسكىرى ئۆلگەن ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ، بۇ رايونغا راكېتا ئاتقان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى بۇ جايلاردا پاكىستان ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن شۇ جايدىكى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بۇ قوراللىق توقۇنۇش ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، پاكىستان تەرەپ مىرانشاھ رايونىدىكى جەڭدە 40 نەچچە نەپەر ئىسيانچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

شىمالىي ۋەزىرىسىتان رايونىدىكى توقۇنۇشلار خېلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمەت كۈچلىرى بۇ رايوندا تېخىچە ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىيەلمىگەن. يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ ئىسيانچى قوشۇنلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.(ئۈمىدۋار)