ئايتماتوف، ئورتاق تۈركىي تىل تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى


2004.09.19

چىڭگىز ئايتماتوف، ئۇيغۇر كىتابخانلار ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قىرغىز يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا تۈرك دۇنياسىنى تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان كىنوچىلىق، تىياتىرچىلىق، مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات يارىتىشقا چاقىردى.

ئايتماتوف مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ، بىراق ئاخىرقى ھېسابتىكى مەقسىتى ئورتاق تۈركىي تىل يارىتىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، يېڭى سۆزلۈكلەر تىللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تۈگىتىشى، ئورتاق سۆزلۈكلەر ۋە تۈركىي تىل ئىنسىكلوپىدىيىسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئايتماتوف، بۇ سۆزلەرنى تۈركىيە ئىزمىر سودا جەمئىيىتىنىڭ قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان.

ئورتاق تۈركىي تىل يارىتىش مەسىلىسى، 1991 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق، ھازىرغىچە ئورتاق تۈركىي تىلى يارىتىش مەسىلىسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن قىزغىن مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە چوڭ ئىلگىرىلەشمۇ بولمىدى. چىڭگىز ئايتماتوف دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى. ئۇ ، ئۆزىنىڭ رۇس تىلىدىكى "ئاق كېمە" ، "يەر ئانا" ، "جەمىلە" ، "خەير-خوش گۈلسارە" ، شۇنداقلا "يۈز يىلغا تەڭ بىر كۈن" ناملىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇلۇپ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.