قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باكىيېۋ تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەخمەت نەجدەت سەزەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى. رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىنغان قىرغىزىستان دۆلەت باشلىقى ۋە يېنىدىكى ھەيئەت ئۈچۈن 21 دانە توپ ئېتىلدى.
ھەيئەتتە قۇرمانبېك باقىيېۋدىن باشقا يەنە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىكبېك جەكشەنكۇلوۋ، سانائەت، تىجارەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ۋە قىرغىزىستان- تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇھى باشلىقى مەدەتبەك كەرىمكۇلوۋ، ئادالەت مىنىستىرى مارات كايىپوۋ قاتارلىقلارمۇ بار.
9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك بۇ رەسمىي زىيارەتتە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەخمەت نەجدەت سەزەر بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوگان ۋە تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى بۇلەنت ئارىنچ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.