ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ 13 مىڭ 245 ئادەمنى تۈركمەنىستان گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مەخسۇس بۇيرۇقنى ئىمزالىدى.
رۇسىيىنىڭ "خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، "تۈركمەن باشى" دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان سەپەر مۇراد نىيازوپنىڭ بۇيرۇقى بويىچە گراژدانلىققا قوبۇل قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 90-يىللاردا تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قېچىپ كەلگەن تاجىكلار شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ، تۈركمەنىستاندا دائىملىق ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نىيازوپ، تۈركمەنىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق تاجىكىستانلىققا ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قالغان كىشىلەرگە دائىملىق ياشاش سالاھىتى بېرىش ھۆججىتىنى ئىمزالىغان.
سەپەر مۇرات نىيازوپ، خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن دىكتاتور دەپ ئەيىبلەنگەن پرېزىدېنتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بۇ قېتىم بىراقلا مۇساپىر دەپ قارالغان كىشىلەرگە گراژدانلىق سالاھىيىتى بېرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن چوڭ يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)