تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلىش تەييارلىقى قىلماقتا. تۈركمەن ئۇچۇر تورى "گۇندوگار"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31-ماي كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف ئۆز سارىيىدا بۇ دۆلەتكە زىيارەتكە كەلگەن خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن دېمىن باشچىلىقىدىكى نېفىت -گاز ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئىلگىرىكى تەبىئىي گاز كېلىشىملىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش-بولماسلىقى شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار، يېمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى بويىچىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ باشلىقى چېن دېمىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركمەن پرېزىدېنتىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف خىتاينى زىيارەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك كۈن تەرتىپكە قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
سابىق پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىغان شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن بىرلىكتە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورىزىمنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يېڭى پرېزىدېنت بىلەن بۇرۇنقى ئەشۇ سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىنى قايتىدىن قانۇنلاشتۇرۇش ھەم كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)