تۈركمەنىستان ئامېرىكا بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا

دۆلەتنى 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دىكتاتورلۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلە تۇتقان سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بولغان قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف رەسمىي رەۋىشتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كېڭەيتىشكە ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركمەنىستان ئۇچۇر تورلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ۋىليام فاللون ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەربابلىرى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ۋاشىنگتون- ئاشخاباد مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشكەن ھەمدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك بويىچە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تۈركمەن پرېزىدېنتى ئامېرىكا ھەربىي قوماندانى بىلەن بولغان سۆھبەتتە تۈركمەنىستاننىڭ كاسپى دېڭىز ئارقىلىق غەربكە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا ھەربىي -بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىلغان بولۇپ، تۈركمەنىستان ھەربىي-ساقچى ھەم رازۋېتكا خادىملىرى ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرۇش ۋە تەربىيىلىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشخاباد بىلەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركمەنىستان ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈش ھەمدە مارىي شەھرىگە جىددىي ئەھۋال ئاستىدا قونۇش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بولغان.

ئامېرىكا تەرەپ قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بەردىمۇھەممەدوف بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمىيەتكە بەزى ۋەدىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن، تۈركمەنىستان رەھبىرى يېقىندا رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە پرېزىدېنت پۇتىن ۋە قازاق رەھبىرى نازاربايېف بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، تۈركمەنىستان گازلىرىنى رۇسىيىگە بېرىشكە قوشۇلدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تۈركمەنىستاننىڭ خىتاي بىلەنمۇ تەبىئىي گاز كېلىشىمى بار بولۇپ، ئاشخابادنى زىيارەت قىلغان بىر خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يېڭى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشىنى تەقاززالىق بىلەن كېتىۋېتىپتۇ. (ئۈمىدۋار)