خىتاي بەردىمەمەدوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە تۈركمەنىستان بىلەن تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

داۋ جونېس خەۋەرلەر تورىنىڭ مەلۇماتىدا ئاشكارىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمەمەدوفنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ زىيارىتىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن تۈركمەنىستان تەبئىي گاز قۇدۇقلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

كېلىشىمدىن خەۋەردار ئەربابلار داۋ جونېس خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن مەلۇماتىدا تۈركمەن تەبئىي گاز قۇدۇقلىرىنى ئېچىش توختامنامىسىنىڭ لايىھىسى پۈتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كېلىشىمگە ئاساسەن ئېچىلىدىغان تەبئىي گاز قۇدۇقلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە قىممىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمەمەدوفنىڭ 17 ۋە 18- ئىيۇللاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بېيجىڭ زىيارىتىدە ئىمزالىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي كەلگۈسى 30 يىلدا تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستانلاردىن يىلىغا 30 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز سېتىۋېلىشنى پىلان قىلماقتا. تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي 2006 ‏- يىلى ئاپرىلدا ئىمزالىغان بىر كېلىشىم بۇيىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى قارار قىلغان ۋە گاز باھاسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى.

لېكىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ يىل 5 ‏- ئايدا تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بەدىمەمەدوفتىن تۈركمەن گازىنى رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئېسكپورت قىلىش ۋەدىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر بۇ سودا بىلەن خىتاينىڭ تۈركمەنىستاندىن تەبئىي گاز سېتىۋېلىش پىلانى سۇغا چىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەگەر بەردىمەمەدوفنىڭ خىتاي زىيارىتى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلسا، بۇ پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان تۈركمەن پرېزىدېنتىنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالغۇسى.(ئەركىن)