تۈركمەنىستان 2009-يىلى خىتايغا گاز ساتىدۇ

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتايغا گاز ساتىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركمەن رەھبىرى 16-ئىيۇل كۈنى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، بۇ سەپەر جەريانىدا خىتاي -تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى گاز كېلىشىمى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

" دۈشەنبە كۈنى يەنى ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە بىزنىڭ خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىمىز باشلىنىدۇ. بىز مۇزاكىرە قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدۇر. 2009-يىلىدىن باشلاپ، بىز خىتايغا گاز ساتىمىز، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىمىزنى كۈچ ئېيتىدۇ" دېگەن پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوف تۈركمەنىستان دۆلەت مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا. ئۇ، مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ دەۋرىدە ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركمەنىستاننى 20 يىل ئىدارە قىلغان سەپەر مۇرات نىيازوپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، يىلىغا 30 مىليارت كۇب مېتىر گازنى خىتايغا ماڭدۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى، يېڭى پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف، ئالدىنقى ئايلاردا رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە پۇتىنمۇ ئاشخابادنى زىيارەت قىلىپ بىلەن تەبىي گاز كېلىشىملىرى ئىمزالىدى. خىتاي تەرەپ يېڭى پرېزىدېنتنىڭ مەرھۇم تۈركمەن باشى نىيازوپ دەۋرىدە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى بىكار قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى، لېكىن، بەردىمۇھەممەدوف بۇ كېلىشىملەرنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، تۈركمەن گازى خىتاي، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، تۈركمەن رەھبەرلىرى گاز دىپلوماتىيە ئويۇنىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىماقتا. خىتاي تەرەپ تۈركمەنىستاندىن گاز باھاسىنى رۇسىيىگە قارىغاندا ئەرزان سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم بېيجىڭدا گاز باھاسىمۇ بېكىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تۈركمەن پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف خىتايدا ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولماقچى.(ئۈمىدۋار)