خىتاي -تۈركمەنستان تەبئىي گاز كېلىشىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىدىن ساقلىنىش تەكىتلەنگەن


2007-07-18
Share

تۈركمەنستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف 7 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى بېيجىڭدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 30 يىللىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان.

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم بۇيىچە، تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيادا بىنا قىلىنىدىغان گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا 30 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز بېرىدىكەن.

'تۈركىيە ھەپتىلىك خەۋەرلىرى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تەبىئىي گاز كېلىشىمىنىڭ 7 ‏- ماددىسىدا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل 'دۈشمەنگە ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرۇش توغرىسىدا 2006 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا ئىمزالانغان كېلىشىم قايتىدىن تەكىتلەنگەندىن كېيىن، كۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەتنى تېخىمۇ ئوچۇقلاشتۇرۇپ 'ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىدىن ساقلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم' دەپ يېزىلغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت