كاندىلىزا رايس تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت دىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم 9 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى سياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رېسپوپلىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەرەققى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گانزالو گاللىگوس ئېلىكترونلۇق خەت ئالاقە تورى ئارقىلىق مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە 'بىز تۈركمەنىستان بىلەن دوست بولىمىز. تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىل مىللەت بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ياردەم بېرىمىز. بۇ نوقتىنى مىنسىتىرىمىز ناھايىتى ئېنىق ئېيتقان' دەپ يازغان.

قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف تۈركمەنىستاندا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بۇرۇنقى قاتتىق چەكلىمىلەرنى ئاسانلاشتۇرغان ئىدى. ھازىر غەرب ئەللىرى ھازىر تۈركمەنىستاننى بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە كاسپى دېڭىزىدىكى تەبىئى گاز بايلىقى بىلەن ياۋروپانى تەمىنلەيدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى رۇسىيە ئارقىلىق يولغا قويماسلىققا رىغبەتلەندۈرمەكتە. (ۋەلى)