يېڭى تۈركمەنباشىنىڭ موسكۋا زىيارىتى


2007.04.24

Turkmen-Russia-200.jpg
تۇركمەنىستان پرەزىدەنتى قۇرباڭۇل بەرديمۇھامەدوف بىلەن روسىيە پرەزىدەنتى ۋلادىمىر پۇتىن April 23, 2007 / AFP PHOTO / POOL / ALEXANDER ZEMLIANICHENKO

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف 23-24-ئاپرىل كۈنلىرى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى رۇسىيە قىلىپ بېكىتىش بىلەن موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى ھەم تۈركمەنىستان-رۇسىيە ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بەردىمۇھەممەدوف بىلەن پۇتىننىڭ سۆھبەتلىرىدە ئاشخاباد-موسكۋا سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، پۇتىن بىلەن بەردىمۇھەممەدوف تۈركمەنىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

سودا-ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئاساسىي تېما

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭ موسكۋا زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رۇسىيە ئانالىزچىسى ئاركادىي دۇبنوفنىڭ قارىشىچە، بەردىمۇھەممەدوفنىڭ موسكۋا زىيارىتىدىن تۈركمەنىستان ۋە رۇسىيىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بار. تۈركمەنىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا رۇسىيە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، تۈركمەنىستان ماللىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك رۇسىيە بازارلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركمەنىستان رۇسىيىنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە شېرىكىدۇر.

ئاركادىي دۇبنوفنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەقسىتى ئاساسلىقى بىر قانچە نۇقتىغا قارىتىلغان بولۇپ، بىرىنچىدىن تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا قايتىپ كىرىشىنى ھەل قىلىش مۇددىئا قىلىنىدۇ. چۈنكى، سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف ھايات ۋاقتىدا تۈركمەنىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغان ھەمدە ئاخىرقى ۋاقىتتا چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

تۈركمەنىستان، ئىران، ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرا بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا رۇسىيە تۈركمەنىستاندا ئۆز تەسىرىنى تىكلەشكە قىزىقىدۇ.

نىيازوف خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تەبىئىي-گاز ئويۇنى ئوينىغان ئىدى

گاز مەسىلىسى بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، چۈنكى، تۈركمەنىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تەبىئىي گاز كېلىشىمى بار.

سابىق پرېزىدېنت نىيازوف ھايات ۋاقتىدا يەنى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىگلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەر تۈزگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم سىياسىي مەزمۇنلارنىڭ بىرى تۈركمەنىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشكە رازىلىق بىلدۈرىشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇلارنىڭ قاتاردا يەنە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ۋە بۇ يول ئارقىلىق خىتايغا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

تۈركمەنىستان يەنە رۇسىيە بىلەنمۇ گاز كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، نىيازوف نىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن گاز كېلىشىمى رۇسىيىنى بىئارام قىلغان شۇنىڭدەك سەپەر مۇرات نىيازوف نىڭ خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئويۇنى ئارقىلىق رۇسىيىگە زەربە بەرمەكچى ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم رۇسىيە تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، گاز باھاسىنى چۈشۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز ساھەسىدە مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، كاسپى دېڭىزى رايونىنىڭ ئېنېرگىيىسىگە بولغان كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن . نىيازوف ۋاپات بولغاندىن كېيىن رۇسىيە يېڭى تۈركمەنىستان رەھبىرىنىڭ رۇسىيىگە مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باش مىنىستىر فرادكوپنى تۈركمەنىستان' غا ئەۋەتكەن .

رۇسىيىنىڭ "دنى.رۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۆھبەت جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن تۈركمەنىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تېررورچىلىققا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا بىرلىكتە قارشى كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقى ئورنىتىش شۇنىڭدەك تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

يېڭى پرېزىدېنت رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتماقچىمۇ؟

پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇ پۇتىننى تۈركمەنىستانغا تەكلىپ قىلغاندىن سىرت يەنە تۈركمەنىستاندا رۇسىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تارماقلىرى ۋە رۇس مەكتەپلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھازىر تۈركمەنىستاندا 160 مىڭ ئەتراپىدا رۇس نوپۇسى بار بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت نىيازوف ، رۇس تىلىغا بولغان چەكلەشنى كۈچەيتكەن ھەمدە رۇسلارنىڭ پەقەت بىرلا دۆلەت تەۋەلىكىنى تاللىشىنى بېكىتكەن شۇنىڭدەك رۇسىيىگە ساتىدىغان گازنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىلىرى يېڭى پرېزىدېنتنىڭ نىيازوفنىڭ رۇسىيىگە تۇتقان بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

تۈركمەنىستان كىمنى تاللايدۇ؟

سەپەر مۇرات نىيازوف ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ دەسسىشى ھەمدە ئۇنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشىدىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى جۈملىدىن ئامېرىكا تۈركمەنىستان بىلەن بولغان ھەممكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر يېڭى پرېزىدېنتنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىگە ھەمدە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىغا ئىشەنگەن. بىراق، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگەللەپلا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەشكە تىرىشىۋاتقان رۇسىيىنى زىيارەت ئوبيېكتى قىلىپ تاللىشى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە، يېڭى تۈركمەنىستان رەھبىرى دېموكراتىك غەربنى تەرەققىيات ئۈلگىسى قىلامدۇ؟ ياكى رۇسىيىنىمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەلۋەتتە، تۈركمەنىستاننىڭ خىتاي ،رۇسىيە، ئامېرىكىدىن باشقا يەنە ئىران، تۈركىيە، ئافغانىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.