تەبىئىي گاز ۋە ئۇيغۇرلار تۈركمەنىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە

0:00 / 0:00

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف 16-18- ئىيۇل كۈنلىرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇھىم ھۆججەتلەرگە قول قويدى.

17- ئىيۇل كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا خۇ جىنتاۋنىڭ داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئىككى رەھبەر سۆھبەت ئېلىپ بارغان. خۇ جىنتاۋ 15 يىللىق خىتاي- تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا تۈركمەنىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ھەم ئىگىلىك ھوقۇقىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، " بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئەسىرلەر بويى دوست بولۇش، ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلىشىش، ئۆزارا پايدا يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق تەرەققى قىلىش سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ" دەپ تەكىتلىگەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ .

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف جاۋابەن،تۈركمەن تەرەپنىڭ خىتاينىڭ تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئىبارەت زور مەسىلىلەردىكى قەتئىي قوللىشىغا ھەمدە تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بەرگەن قىممەتلىك ياردەملىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغالىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۈچ خىل كۈچ ۋە ئۇيغۇرلار

خۇ جىنتاۋ سۆھبەت جەريانىدا خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت بەش خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي- مائارىپ، ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىن باشقا تۆتىنچى تەكلىپ سۈپىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە ئورتاق زەربە بېرىش كېلىشىمىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خۇ جىنتاۋ سۆھبەت جەريانىدا خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت بەش خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي- مائارىپ، ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىن باشقا تۆتىنچى تەكلىپ سۈپىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە ئورتاق زەربە بېرىش كېلىشىمىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بەردىمۇھەممەدوف خۇجىنتاۋنىڭ تەكلىپلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە " ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركمەنىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم دۆلەت بولۇپ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلارغا نىسبەتەن ئالغاندا، بۇ دۆلەتتە مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقى خاھىشلىرى بىر مەسىلە سۈپىتىدە مەيدانغا چىقمىغان. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن تۈركمەنىستاندا بىرەر مىللەتنىڭ ئايرىلىپ چىقىپ ، ھاكىمىيەت قۇرۇش مەسىلىسى شۇنىڭدەك باشقا دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تەھدىتى مەۋجۇت ئەمەس.

بۇ دۆلەتتىكى مەسىلە پەقەت ئۆكتىچىلەرنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات تەلىپى بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئىشىكنى ئېتىۋېلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن شۇنىڭدەك دۆلەتتە دىكتاتورلۇقنى ئەۋجىگە چىقارغان ئىدى. قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندە دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىدىغانلىقى، مەتبۇئات،مائارىپ، ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ساھەلەردە ئىشىكنى ئېچىش سىياسىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر رەھبىرىي خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ئىدىيىسى بېيجىڭنىڭ تەلىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈچ خىل كۈچ كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، زەربە بېرىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلماقتا.

2005-يىلى، تۈركمەنىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي تەرەپ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە بىنائەن تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر قىسىمى دەپ قاراپ، ئۇلارغا خىتاي بىلەن بىرلىكتە زەربە بېرىشكە ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭ تەرەپ يەنە بىر قېتىم يېڭى پرېزىدېنتتىن ۋەدە ئېلىۋېلىشقا تىرىشقان.

تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار

تۈركمەنىستاننىڭ مارى ۋىلايىتىدىكى بايرام ئالى قاتارلىق جايلاردا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان 4-5 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركمەنىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. بايرام ئالىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان بولسىمۇ، لېكىن مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەن.

بىراق، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولغانلىقى ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، ئۇلار ئارىسىدا خۇددى قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر سىياسى دەۋاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇ جەھەتتە ئاشخاباد رەھبەرلىرى ئاستانا، بىشكەك ۋە تاشكەنت رەھبەرلىرىگە قارىغاندا خاتىرجەم بولسا كېرەك.

بېيجىڭنىڭ كۆزلىگەن ئارزۇسى ئېنېرگىيە

تۈركمەنىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. تۈركمەن گازى ئەزەلدىن رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن. سەپەر مۇرات نىيازوپ، رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن گاز دىپلوماتىيە ئويۇنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ سەپىرىدە خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا ياساش ھەم بىرلىشىپ، گاز قېزىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

بېيجىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، نىيازوپ ئۆلگەندىن كېيىن، رۇسىيە قايتىدىن بۇ رايونغا كىرىپ، يېڭى پرېزىدېنت بىلەن گاز مۇناسىۋەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كۆرسەتتى. بۇ چاغدا بېيجىڭ ئاشخابادنىڭ تۇزگەن كېلىشىملەردىن يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، بىراق بەردىمۇھەممەدوف بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ، كېلىشىملەرنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گاز شىركىتى بىلەن تۈركمەنىستان تەرەپ بىرلىكتە گاز ئېچىش ھەم گاز سودىسى قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى. تۈركمەنىستان 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينى "مەركىزى ئاسىيا" گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركمەنىستان ۋە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى "خىتاي -تۈركمەنىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات"قا قول قويغان.(ئۈمىدۋار)