رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاستانادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ كېلىشىمى ئارقىسىدا باشلانغان ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تولۇق پۈتىدىكەن. بۇ ھەقتە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە مەلۇمات بەرگەن.
مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 980 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى نېفىت شەھىرى ئاتاسۇدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مايتاغ رايونىغا تۇتىشىدۇ.
2006-يىلىدىن ئېتىبارەن قازاقىستان خىتايغا ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت ماڭدۇرىدىكەن ، كېيىن 20 مىليون توننىغا يەتكۈزىدىكەن. قازاقىستان تەرەپنىڭ ئۇقتۇرىشىچە، 2006-يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيىمۇ مەزكۇر يول ئارقىلىق خىتايغا ھەر يىلى بەش مىليون توننا نېفىت ماڭدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى خىتاي ئۈچۈن زور پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتا ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزدى
- ئۈرۈمچى - لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتتى
- گازپرېم شىركىتى خىتايلار بىلەن تەبئىي گاز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
- سانجى ئوبلاستىدا قانۇنسىز نېفىت قېزىش ئەھۋالى بايقالدى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە