ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاندىكى ئاتاقلىق سىياسىي ئۆكتىچىسى، ئەركىن دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەلىنا ئۇرلايىۋانى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان دەپ قولغا ئالغان.
ئۆزبېكىستان ئەركىن دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ رە ئىسى نىگارە ھىدايەتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى ئەلىنانى تۇتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ يىنىدىن " ئۆزبېكىستان خەلقى ئويغان" ناملىق ئەركىن دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ ئىدىيە ۋە مەقسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر كىتاب چىققان.
تاشكەنتتىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرلايىۋا، ھۆكۈمەتنى مەسخىرە قىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشقا تېرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە تۇتۇلغان.
ئۇرلايۋا پرېزىدېنت ئىسلام كېرىنموف ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇندىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئىدى.
خەلقئارا جامائەتچىلىكى ئۇزۇندىن بېرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (قانات)