قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا قىرغىزىستان باش تەپتىش مەھكمىسى سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ كۈي ئوغلى ئادىل تويغونبايېۋنى زور مىقداردا باج ئوغرىلىغانلىق، دۆلەت مال-مۈلكىنى خىيانەت قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقارالىق ساقچى ئورگىنىغا مۇراجەت قىلىپ، ئۇنى ئىزدەپ تۇتۇش بايرىقى چىقارغان.
ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ كۈي ئوغلى ئادىل تويغونبايېۋ ئەسلى قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئاقايېۋنىڭ قىزى بېرمەت ئاقايېۋاغا ئۆيلەنگەن. ئۇ، ئاقايېۋ دەۋرىدە قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئىككى شىركەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر بىشكەكتىكى ئايروپىلان ئىستانسىسى ھەمدە بۇ جايدىكى ئى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغان مونوپول قىلىۋالغان ئىكەن. تويغونبايېۋ ئالتە يىل ئىچىدە 16 يېرىم مىليون دوللار باج ئوغرىلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئادىل تويغونبايېۋ ئەسقەر ئاقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە 3-ئايدىكى ئىنقىلابتىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستانغا يوشۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)