بۇ يىل 24 - مارتتىكى بېشكەك ئىنقىلابىدا رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېۋ، دۈشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتىپ قىرغىزىستان تەپتىش دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئالى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر نىكولاي تانايېۋنى سوراق قىلىشقا باشلىغان. ئالى تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئالماز دىرىلدايېۋ، دۈشەنبە كۈنى تانايېۋنىڭ قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ تەپتىش دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دىرىلدايېۋنىڭ تەكىتلىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى تانايېۋنى ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت خام چوتىغا زىيان سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما تانايېۋ، تەپتىش دائىرىلىرىنى ئەيىپلىشىنى رەت قىلدى.
تانايېۋ دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " پارلامېنت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى ئىچكى كابىنىت ۋە باش مىنىستىرنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدىن قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.
دىرىلدايېۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تانايېۋ قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ، تەپتىش دائىرىلىرى بۇ يىل 6 - ئايدا ئۇنىڭ ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان. ئەمما دىرىلدايېۋ، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ كۆيئوغلى ئادىل تويغانبايېۋ توغرىسىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگىلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)