ئافغانىستان، ئىران ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشماقچى

ئافغانىستان، ئىران ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە جەم بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋە سودا مەسىلىسىدە ئۆز -ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ.

ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەخمەدىنىجاد سەيشەنبە كۈنى تاجىكىستانغا قاراتقان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ ئىران پرېزىدېنتىنىڭ تاجىكىستانغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىندۇ. ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي چارشەنبە كۈنى دۈشەنبىگە كىلىپ، پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۈچ دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك يېغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

ئافغانىستان ئىران ۋە تاجىكستان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى، ئىككى قېتىم ئارقىغا سۈرۈلگەن ئىدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ئۈچ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۇچرىشىشىنى پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوندا بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش پىلانلىرىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىماقتا.

تاجىكىستان سۇۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن بېرى، ئىران بۇ يېڭى جۇمھۇرىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۈرسەتمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئىران بۇ دۆلەتنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن چەت دۆلەتلەر تاجىكىستاندىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىمۇ، دۈشەنبىدىكى ئىران دىپلوماتلىرى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

يېقىندىن بېرى، ئىران ۋە تاجىكستان مۇناسىۋەتلىرى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىران تاش يول ۋە سۇ ئامبارلىرى ياساشتا تاجىكستانغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي، تاجىكىستان ۋە ئىران رەھبەرلىرىدىن بۇ ئىككى دۆلەتنى ئافغانىستانغا تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش يوللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. (قانات)