قىرغىزىستان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتاي ئېچىش پىلانىنى بىكار قىلدى
2004.12.21
سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئوپېرا سارىيىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان قۇرۇلتىيىنى بىكار قىلغان .
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقىيىفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايوفنىڭ سىياسىي باش مەسلىھەتچىسى ئوسماناكۇن ئىبراھىموف ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قۇرۇلتاينى ھەممە تەييالىقلار پۈتۈپ بولغان، ئاخىرقى مىنۇتلاردا، ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى روزىمەمەتكە "خىتاي- قىرغىزىستاننىڭ دوستى دەپ قارالغان ۋە بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان بىر دۆلەت، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر يەردە بۇنداق بىر قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈش خىتاي ھۆكۈمىتىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۇمكىن" دىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە تىنجىقتۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللەردە جىددى پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۇنداقلا، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىنى مەزكۇر دۆلەتلەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەپچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىدى . سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ كىلىشىمنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تاڭ جياشۈئەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى
- خىتاي قىرغىزىستانغا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلدى
- تاڭ جياشۈئەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
- يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى ئىدارە مەسئۇللىرى، تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ش ھ ت تېررورىزم ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى