ئەركىنبايېفنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەر بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېف سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بەزى مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتتىق نارازى بولماقتا.

بېشكەكتىكى پېشقەدەملەردىن ياقۇپ ھاجى ئېلىيوف ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيېف قاتارلىقلار مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.