ياۋرۇپا ئۆزبېكىستانغا قاراتقان ئىمبارگونى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى


2007.05.14

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 2005‏- يىلى 5‏- ئاينىڭ 13‏- كۈنى يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويغان ئىمبارگونى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلغان. ئەمما، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سانىنى 12 دىن 8 گە چۈشۈرگەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قورال سېتىشىنى ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى.

لېكىن يېقىندىن بېرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئىلگىرىلەش بولدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى بەزى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ماقۇل بولغان. ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويۇلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان.

ئەمما، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزبېكستاندىكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويغان ئىمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.