ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى


2007.12.22

يەكشەنبە كۈنى، ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسى ئالدىن ئېنىق بولغان بىر سايلام بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ دىكتاتور رەھبەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان، ئىسلام كەرىموفنىڭ، قايتىدىن پرېزىدېنت سايلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.

ئۆزبېكىستاندا، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، كەرىموفتىن سىرت يەنە ئۈچ كىشى ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن. لېكىن، سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆزبېكىستان خەلقىغە ئانچىلا تونۇش بۇلىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ، كەرىموفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خەلقئارا جامائەتكە، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئادالەتلىك، ئەركىن ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىشماقتا.

18 يىلدىن بېرى، ئۆزبېكىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى يا تۈرمىگە تاشلىغان ياكى چەتئەللەرگە قىچىشقا مەجبۇرلىغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاندا تەن- جازاسى ۋە يېپىق سوتلاردا سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش، كۈندىلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.

ئىسلام كەرىموفنىڭ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت كونتروللۇقنى سىرتىدىكى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا ۋە مۇسۇلمان سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە قاراتقان بېسىمى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، غەرب سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كەرىموفنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى، ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەسەبىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.