ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار مەيدانغا كەلمەكتە

خەلقئارادىكى تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان، خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم ئۆزبېكىستان ئۈچۈن ھەم رايون ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە كەرىموفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىشارەت مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەزىيەت، ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت كەرىموفتىن كېيىن، ھاكىمىيەت تالىشىش جېدىلى يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە بۇ جېدەلنىڭ توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جون گرىنۋالد مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئازادلىق رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا،" كۆرۈنۈشتە ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت نۆۋەتتە خېلى تىنچتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن خەتەر ئالدىمىزدا" دېگەن.

باياناتىدا، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گرىنۋالد، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزبېكىستانغا قارىتا يولغا قويغان چەكلىك ئىمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنى ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا چاقىردى. (ئەقىدە)