خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، 15 - نويابىردىن 17 - نويابىرغىچە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۇەن بۇ سەپىرىنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېفنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتى جەريانىدا يەنە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف بىلەن كۆرىشىدىكەن.
شۇنداقلا ئۇلار ئۇچرىشىشتا ئاساسلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېمىلىرىدا سۆھبەتلىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئەڭ مۇھىم تېما 2004 -يىلدىن 2014 - يىلغىچە بولغان ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق پروگراممىسى بولىدىكەن.
ۋاڭ لېچۇەن قىرغىزىستاندىكى سەپىرى جەريانىدا يەنە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر قۇبانچبېك جۇمالىيېۋ ھەمدەەئىقتىسادىي تەرەققىيات، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى ئامانگەلدى مۇرالىيېۋ قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. (پەرىدە)