قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەر يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى
2005.03.25
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ، 24 - مارتتىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىدىن قورقۇپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، قىرغىزىستان پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى، سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى قۇرمانبەگ باقىيېۋنى قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى شۇنداقلا باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى.
قۇرمانبەگ باقىيېۋ، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق ئۇ سايلامنىڭ كونكېرت كۈنىنى تىلغا ئالمىدى. " ھازىرقى ئەڭ جىددى مەسىلە يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىش شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،" دەپ تەكىتلىگەن باقىيېۋ، " ئاساسى قانۇن بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بىز ئاساسى قانۇن بويىچە ئىشقىلىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاقايېۋ قازاقىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، " ئەگەر ئاقايېۋ رۇسىيىگە كېلىشنى خالىسا، بىز ئۇنى رەت قىلمايمىز،" دەپ تەكىتلىدى. ئامما باقىيېۋ، رۇسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسۋىئەتنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا پايتەخت بېشكەكدە كېچىسى كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن. يېڭى قۇرۇلغان 10 كىشىلىك ئىچكى كابىنتتىكى فىلىكس قۇلوۋ ئىچكى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولدى. روزا ئوتانبايېۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ ئارىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېۋ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى "سىياسى ئۆزگىرىش،" دەپ ئەيىپلىدى. ئۇ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان شۇنداقلا قىرغىزىستاندىن ۋاقىتلىق ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)