خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ كېلەر چارشەنبە كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيىگە بارىدۇ.
رويتىرس ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنسىتىرلىرى تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىبى تېخى ئېلان قىلىنمىغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بۇ يىل 7 - ئايدىكى يىغىنىدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتتا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئەزالار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي يەنە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى ئىستەۋاتقان گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىستىمەكتە. (ئارزۇ)