0:00 / 0:00
ئەسقەر ئاقايېف يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆكتىچى رەھبەرلىرى ئاقايېفنىڭ قايسى دۆلەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
بېشكەكتە يۈز بېرىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشلەر توغرىسىدا، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام، قىرغىزىستان ئاخباراتلىرىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.