قىرغىزىستاندىكى "ئىنتىزار" ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلەندى
2004.11.02
1989 – يىلى بېشكەك شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن، قىرغىزىستان تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش بۆلۈمى قۇرۇلغان ئىدى.
"ئىنتىزار" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش پروگراممىسى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى بېيىتىشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ، ئۇيغۇر ھاياتىنى تېلېۋىزور ئارقىلىق رېسپۇبلىكا خەلقىگە تونۇشتۇرۇپ كەلدى.
"ئىنتىزار" نىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، قىزغىز دۆلەت تېلېۋېزىيىسى ستۇدىئوسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلىغايسىلەر
©
2004 Radio Free Asia