بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار ئەنجاندا قۇربان بولغان بىگۇناھ كىشىلەرنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

23-ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان توكۇلتاش مەھەللىسىدە خەتمە – قۇرئان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەنجاندا قۇربان بولغان بىگۇناھ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

ئاقساقاللار كېڭىشى ئەزالىرى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىندا، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىيە ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسۇللىرى دوكلات بېرىپ، ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنىڭ جەريانى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى دىكتاتور كېرىموفقا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.