قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ 22-مارت كۈنى رەسمىي بۇيرۇق ماقۇللاپ. 24 - مارت كۈنىنى خەلق ئىنقىلابى خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايرام قىلىشنى بېكىتى.
دېمەك، 24-مارت كۈنى ھەر يىلى پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە دەم ئېلىش، بايرام كۈنى بولىدىكەن. قىرغىزىستان دۆلەت مەجلىسىمۇ مەزكۇر بۇيرۇق ھەققىدە قانۇن چىقىرىدىكەن.
24-مارت كۈنى قىرغىزىستان دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلغان كۈنى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بۇ كۈندە بېشكەكتە نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار پرېزىدېنت بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەسقەر ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋەتكەن، ئاقايېۋ ئۆز ھۆكۈمىتىنى تاشلاپ، موسكۋاغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ پرېزىدېنت بولدى ھەمدە قىرغىزىستاندا دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغان.(ئۈمىدۋار)