" قازاقىستان خىتاي شىركىتىنىڭ قاراژانباس نېفىتلىكىنى سېتىۋېلىشىنى توساش كېرەك"


2006.11.17

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى خىتاي جۇڭشىن مالىيە گۇرۇھىنىڭ قازاقىستان قاراژانباس نېفىتلىكىنى بىر مىليارد 900 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىشىنى توسايدىغان جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى باقتىقوجا ئىزمۇقامبەتوۋ،قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، " بىز قاراژانباس مۇناينى سېتىش سودىسىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ جۇڭشىن مالىيە گۇرۇھى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بىر كانادا نېفىت شىركىتىدىن قازاقىستاننىڭ قاراژانباس نېفىتلىكىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. قاراژانباس نېفىتلىكىنى ئېچىش ھوقۇقى 2020 - يىلىغىچە كانادا نېفىت شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى. جۇڭشىن گۇرۇھى بۇ سودىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ سودا قازاقىستان پارلامېنتىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئۇلار قازاقىستان نېفىت ئىگىلىكى خىتايغا ھەددىدىن زىيادە يۆلۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتىغا ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئەگەر بۇ سودا ئەمەلگە ئاشسا، قاراژانباس نېفىتلىكى خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان 2 - قازاقىستان نېفىت ئەسلىھەسى بولۇپ قالاتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن 2005 - يىلى 8- ئايدا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 4 مىليارد دوللارغا قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.