ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېل بىشكەكنى زىيارەت قىلىپ، ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەدھەم ماداماروۋ بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاندا ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ھەربىي بازىسىدىن باشقا خىتاي ھەربىي بازىسىنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقى ئۇچۇر تارقاتقان.
قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بۇ مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئۆزىنىڭ قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدىكى بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، ئەمما بېشكەكنىڭ مەيدانىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،" بىز مەملىكىتىمىزنى ھەربىي –سىياسىي نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمايمىز، بىزنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ماددىي بايلىقىمىز ۋە كۈچىمىز يېتىدۇ" دېدى.
يېڭى بىشكەك ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)