خىتاي ھۆكۈمىتى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيىلىشىگە ياردەم بېرىدىكەن

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زاۋۇتبىك تۇرىسبىكوف، پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەھبەرلىرىدىن ساقچى قىسىملىرىنى يىتىشتۈرۈشتە قازاقىستانغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيىنىڭ تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقسىتان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جو يوڭكاڭ بىلەن خەلقئارا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكال دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتا شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيىلەشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رە ئىسى زىڭ چىڭخۇڭ، چارشەنبە كۈنى، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تۇرىسبىكوف بىلەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " شەرقىي تۈركىستان " بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ۋە قازاقىستان بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ھەمكارلىقنى چوقۇم كۈچەيتىدۇ، دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۇرسىبىكوف بىلەن ئۇچراشقان خىتاي رەھبەرلىرى، تەيۋەن، تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرگەن. (قانات)