بېيجىڭ قازاقىستانغا ئاقىدىغان دەريالار مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىدى

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان دەريالار مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دەريا سۇلىرىنى خىتاي تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلىشىگە جاۋاپ بەردى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا " جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىرغىچە چېگرا ھالقىغان دەريالار ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قوغداش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى،" دەپ جاۋاپ بەردى.

ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى چېگرا ھالقىغان ئىككى چوڭ دەريا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەريالارنىڭ سۇ مەنبەسىنى قوغداش ۋە دەريا سۈيىنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۇزۇندىن بېرى قازاقلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ھازىرغىچە ھەل بولمىغان ئىختىلاپلارنىڭ بىرى.

ئۆتكەن يىلى سۇڭ خۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە قازاقىستاننىڭ قانۇنىي مەنپەئەتلىرىنى ئويلىشىپ قويمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى ۋە تالدىقورغاننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دەريا بولۇپ، بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى بولسا زايسان كۆلىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى ئىدى. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كېيىنكى 50 يىلدىن بېرى بۇ ئىككى دەريانىڭ ئىلى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئۆتىدىغان ئىككى ھاۋزىسىدا خىتاي كۆچمەن مەھەللىلىرى ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرى قەد كۆتىرىپ، دەريا سۈيىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە يولغا قويغان ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىدىن پايدىلىنىش پىلانىنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان. ئەمما ليۇ جيەنچاۋ، خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى " قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلمايدۇ " دەپ ئاقلىدى. (ئەركىن)