قازاقىستان خىتاينىڭ ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارىتا تۈنجى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
2004.12.16
قازاقىستان سودا -سانائەت مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاينىڭ خېمىر تۇرۇچلىرىنىڭ قازاقىستاندا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ، قازاقىستاننىڭ تۈنجى قېتىم خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئىچىدىلا قورغاس چېگرىسى ئارقىلىق قازاقىستانغا1 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق خىتاينىڭ خېمىر تۇرۇچى ئېكىسپورت قىلىنغان. بۇ يىل قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنغان، خىتاينىڭ خېمىر تۇرۇچلىرىنىڭ مىقتارى يەنىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قازاقىستان دائىرىلىرى خىتاي خېمىر تۇرۇچلىرىنىڭ قازاقىستاندا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
بۇنىڭ ئالدىدا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى قورغاس چېگرىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان خىتاي ماللىرىغا قارىتىلغان باجنى ٪ 30 گىچە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.
قازاقىستاننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خېمىر تۇرۇچ زاۋۇتلىرى قۇرغان خىتاي شىركەتلىرىگە قانچىلىك تەسىرى يىتىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەمما، بىر قىسىم خېمىر تۇرۇچ شىركەتلىرى ئەگەر ماللىرىنى قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىش قىيىنلاشسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۆي جاھازلىرىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- ياۋرۇپا بىرلىكى ساختا ماللار مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- خىتاي بىلەن قىرغىزىستان بىرلىكتە خىتاي ماللىرىنى تارقىتىدىغان سودا مەركىزى ئاچماقچى