خىتاي-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەتجان يېسىموف رىياسەتچىلىك قىلدى.
ۋۇ يى يىغىندا، خىتاي-قازاقىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ھەمكارلىشىش ساھەلىرىنىڭمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 10 كۈن ئالدىدا قازاقىستانغا قىلغان سەپىرىنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق خىتاي-قازاقىستان ئىسىتراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يېسىموف ۋۇ يىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى باھاسىغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پرىنسىپال مەيدانىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىككى تەرەپ يەنە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سودا، قاتناش، مالىيە، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىگىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىلىرىدە بىر-بىرىنى قوللاپ، "3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش" جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى يىلدا بىر قېتىم ئۇچرىشىدۇ. (پەرىدە)